Philipper 2
Achtet die andern höher als euch
1ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، 2ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار. 3مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ 4ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛
Er erniedrigte sich selbst
5ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ، 6ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛ 7شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، 8ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، 9خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
10شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار. 11چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۈچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.
Leuchtet wie Sterne
12ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ 13شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ 14شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن.
15ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيەسى» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن. 16سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك. 17لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ 18چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر.
Timotheus und Epaphroditus
19چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ 20ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 21ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ 22ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار.
23ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم، 24چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى. 25ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى.
26شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن. 27ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ 28چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى.