Numeri 7

Die Gaben der Fürsten

1ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلىشتى، كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەدىيەلەر جەمئىي بولۇپ ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى ئۆكۈزدىن ئىبارەت ئىدى؛ ھەر ئىككى ئەمىر بىرلىشىپ بىردىن سايىۋەنلىك ھارۋا، ھەربىر ئەمىر بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار بۇ ھەدىيەلەرنى چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشتى. 2پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ 3جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگەبەرگىن، — دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا بىلەن ئۆكۈزلەرنى قوبۇل قىلىپ لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. 5ئۇ گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈز بەردى. 6مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈز بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارغا قارايتتى؛ 7لېكىن ئۇ كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىغاھېچنېمە بەرمىدى؛ چۈنكى ئۇلار مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە مەسئۇل ئىدى؛ دېمەك، ئۇلار مەسئۇل بولغان نەرسىلەرنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرەتتى.

8قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنى، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا ئەمىرلەر سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانگاھ ئالدىغا قويۇشتى. 9پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئۇلار قۇربانگاھنى بېغىشلاش يولىدا ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن؛ ھەربىر ئەمىر ئۆز كۈنىدە سۇنسۇن، — دېدى. 10بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولدى.

11ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 12ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 13كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 14گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 15ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

16ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئىسساكارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولدى. 17ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 18ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 19كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 20گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 21ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

22ئۈچىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى زەبۇلۇن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولدى. 23ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 24ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 25كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 26گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 27ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

28تۆتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى رۇبەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولدى. 29ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 30ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 31كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 32گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 33ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

34بەشىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى شىمېئون ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولدى. 35ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 36ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 37كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 38گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 39ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

40ئالتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى گاد ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولدى. 41ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 42ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 43كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 44گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 45ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

46يەتتىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئەفرائىم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولدى. 47ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 48ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 49كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 50گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 51ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

52سەككىزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ماناسسەھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولدى. 53ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 54ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 55كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 56گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 57ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

58توققۇزىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى بېنيامىن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولدى. 59ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 60ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 61كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 62گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 63ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

64ئونىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى دان ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئېزەر بولدى. 65ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 66ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 67كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 68گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 69ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئېزەر سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

70ئون بىرىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى ئاشىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولدى. 71ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 72ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 73كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 74گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 75ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

76ئون ئىككىنچى كۈنى ھەدىيە سۇنغۇچى نافتالى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولدى. 77ئۇ سۇنغان ھەدىيە ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش لېگەن، ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل كېلىدىغان بىر كۈمۈش داس بولۇپ، بۇلار مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەندى؛ ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن دەپ ئىككىسىگە زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان ئېسىل ئۇن تولدۇرۇلغانىدى؛ 78ئون شەكەل ئېغىرلىقتا، خۇشبۇي تولدۇرۇلغان بىر ئالتۇن پىيالە؛ 79كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزا؛ 80گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە؛ 81ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە، بىر ياشلىق بەش ئەركەك قوزا؛ بۇلار ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا سۇنغان ھەدىيەلەر ئىدى.

82قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىل ئەمىرلىرى قۇربانگاھقا سۇنغان ھەدىيەلەر: — جەمئىي ئون ئىككى كۈمۈش لېگەن، ئون ئىككى كۈمۈش داس، ئون ئىككى ئالتۇن پىيالە بولدى، 83ھەربىر كۈمۈش لېگەننىڭ ئېغىرلىقى بىر يۈز ئوتتۇز شەكەل، ھەربىر كۈمۈش داسنىڭ ئېغىرلىقى يەتمىش شەكەل ئىدى؛ مۇشۇ قاچا-قۇچىغا كەتكەن كۈمۈش مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، جەمئىي ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى؛ 84خۇشبۇي بىلەن تولدۇرۇلغان ئالتۇن پىيالە ئون ئىككى بولۇپ، مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئۆلچەنگەندە، ھەربىر ئالتۇن پىيالىنىڭ ئېغىرلىقى ئون شەكەل چىقتى؛ بۇ ئالتۇن پىيالىلەرنىڭ ئالتۇنى جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە شەكەل چىقتى؛ 85كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن بولغان ماللار: — جەمئىي ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار، ئون ئىككى بىر ياشلىق ئەركەك قوزا ئىدى، ھەربىرى تېگىشلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلدى؛ ئون ئىككى تېكە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلدى؛ 86ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن سۇنۇلغىنى جەمئىي يىگىرمە تۆت بۇقا، ئاتمىش قوچقار، ئاتمىش تېكە، بىر ياشلىق ئاتمىش ئەركەك قوزا ئىدى. قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلىنىپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاش يولىدا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر مانا مۇشۇلار.

87مۇسا [پەرۋەردىگار] بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كەفارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى.

Kopiert!
Aa