Numeri 25

Israel hängt sich an Baal

1ئىسرائ‍ىللار شىتتىمدا تۇرغان مەزگىلدە، خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى. 2ئۇ قىزلار ئىسرائ‍ىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىقلارغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ [ئىسرائ‍ىللارمۇ] قۇربانلىقلاردىن يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىرلىكتە چوقۇنىدىغان بولدى. 3ئىسرائ‍ىللار بائال-پېئور بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا ئاچچىقى قوزغالدى.

4پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ئىسرائ‍ىللارغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاپتاپتا ئېسىپ قويغىن، — دېدى. 5شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىلنىڭ سوراقچىلىرىغا: — سىلەر بېرىپ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بائال-پېئور بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، — دېدى.

Der Eifer des Pinhas

6ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائ‍ىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. 7كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ، 8ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائ‍ىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى.

9شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى. 10ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 11— «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائ‍ىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم.

12شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن! 13بۇ [ئەھدە] ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن». 14ئۆلتۈرۈلگەن يەنى ھېلىقى مىدىيانىي قىز بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى، شىمېئون قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئەمىرى ئىدى.

15ئۆلتۈرۈلگەن مىدىيانىي قىزنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، زۇرنىڭ قىزى ئىدى؛ زۇر بولسا مىدىيانىي بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. 16پەرۋەردىگار مۇساغا: — 17سەن مىدىيانىيلارغا ئارام بەرمەي زەربە بەرگىن؛

Kopiert!
Aa