Lukas 13
Kehrt um oder kommt um
1شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. 2ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ 3مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
4سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ 5مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر.
Der unfruchtbare Feigenbaum
6ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ. 7ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ. 8لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي.
9ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن.
Die seit achtzehn Jahren gekrümmte Frau
10بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. 11مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. 12ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى.
13ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 14بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى. 15شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟!
16ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟! 17ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى.
Das Gleichnis vom Senfkorn
18ئۇ سۆزىنى [داۋاملاشتۇرۇپ] مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ 19ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى.
Das Gleichnis vom Sauerteig
20[ئەيسا] يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. 21بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:
Die enge Tür
22ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. 23ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. 24ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 25ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ.
26سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. 27ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. 28شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ.
29دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى. 30ئۇ ئۇلارغا: ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار.
Die Klage über Jerusalem
31ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس. 32ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار. 33مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.