Jakobus 2
Seht nicht auf die Person
1قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار. 2چۈنكى سىناگوگىڭلارغا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان، ئېسىل كىيىنگەن بىر باي بىلەن تەڭ جۇل-جۇل كىيىنگەن بىر كەمبەغەل كىرسە، 3سىلەر ئېسىل كىيىنگەننى ئەتىۋارلاپ «تۆرگە چىقىپ ئولتۇرسىلا!» دېسەڭلار، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇر!» دېسەڭلار، 4ئۆزئارا ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە ئىنسانلار ئۈستىدىن يامان نىيەت ھۆكۈم چىقارغۇچىلاردىن بولغان بولمامسىلەر؟!
5قۇلاق سېلىڭلار، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ــ خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقادتا باي بولۇش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولۇشقا تاللىغان ئەمەسمۇ؟ 6بىراق سىلەر كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىدىڭلار! بايلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوت-سوراقلارغا سۆرىگەن ئەمەسمۇ؟ 7ئۈستۈڭلارغا قويۇلغان ئاشۇ مۇبارەك نامغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ [بايلار] ئەمەسمۇ؟ 8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.
9لېكىن كىشىلەرگە ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلىسىلەر. 10چۈنكى بىر كىشى پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، [ھەتتا] ئۇنىڭدىكى بىرلا ئەمرگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. 11چۈنكى: «زىنا قىلما» دېگۈچى ھەم «قاتىللىق قىلما»مۇ دېگەن. شۇڭا، زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا [پۈتۈن] تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن باراۋەر بولىسىلەر.
12شۇڭا سۆز-ئەمەللىرىڭلار ئادەمنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان قانۇن ئالدىدا سوراق قىلىنىدىغانلارنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن. 13چۈنكى باشقىلارغا رەھىم قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىدىغان ھۆكۈم رەھىمسىز بولىدۇ. ئەمدى «رەھىم قىلىش» «ھۆكۈم چىقىرىش»نىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىدۇ.
Glaube ohne Werke ist tot
14ئى قېرىنداشلىرىم! بىرسى ئاغزىدا، «مەندە ئېتىقاد بار» دەپ تۇرۇپ، ئەمما [ئۇنىڭدا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ [بۇنداق] ئېتىقاد ئۇنى قۇتقۇزالامدۇ؟ 15شۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز ئېتىقادلا بولۇپ، [ئۇنىڭغا] [مۇناسىپ] ئەمەللىرى بولمىسا، [بۇنداق ئېتىقاد] ئۆلۈك ئېتىقادتۇر. 16لېكىن بەزىبىر ئادەملەر: «سەندە ئېتىقاد بار، مەندە بولسا ئەمەل بار» دەپ [تالىشىدۇ]. لېكىن مەن: «ئەمەلسىز بولغان ئېتىقادىڭنى ماڭا كۆرسىتە قېنى؟!»، «مەن ئېتىقادىمنى ئەمەللەر بىلەن كۆرسىتىمەن» دەيمەن.
17ــ سەن «خۇدا بىر» دەپ ئىشىنىسەن ــ بارىكاللا! لېكىن ھەتتا جىنلارمۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدىغۇ! 18ئەي، قۇرۇق خىيال ئادەم! ئەمەللىرى يوق ئېتىقادنىڭ ئۆلۈك ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 19ئاتىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانگاھ ئۈستىگە سۇنغاندا ئۆز ئەمىلى ئارقىلىق ھەققانىي دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 20ئەمدى شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇناسىپ ئەمەللەرنى قىلدى ۋە ئېتىقادى ئەمەللەر ئارقىلىق مۇكەممەل قىلىندى.
21مانا بۇ ئىش [تەۋراتتىكى]: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى. 22بۇنىڭدىن شۇنى كۆرەلەيسىلەركى، ئىنسانلار ئېتىقادى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەللىرى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلىنىدۇ. 23مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، پاھىشە ئايال راھاب [ئىسرائىل] چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە كۈتۈپ، ئۇلارنى باشقا يول بىلەن قاچۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئوخشاشلا ئىش-ئەمىلى بىلەن ھەققانىي دەپ جاكارلانغان بولمامدۇ؟ 24تەن روھ بولمىسا ئۆلۈك بولغاندەك، ئەمەللىرى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر.