잠언 6
게으른 자와 개미
1ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ، 2ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ، 3ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ [شۇ ئىشتىن] خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا.
4جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما. 5ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول. 6ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ، 7لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ.
8ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ 9سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن. 10لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.
11ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ. 12ئۇ كۆز قىسىپ، پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛ 13كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ.
14شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. 15پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. 16ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، 17سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، 18يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر.
19ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما.
품에 품을 수 없는 불
20ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال. 21يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. 22چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.
23ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر. 24ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن. 25چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ.
26ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ 27چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ 28باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
29ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛ 30شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ. 31ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ.
32ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. 33چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. 34تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ.