시편 86
여호와여 주의 도를 내게 가르치소서
1داۋۇتنىڭ دۇئاسى: قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ چۈنكى مەن ئېزىلگەن ۋە ھاجەتمەندۇرمەن. 2جېنىمنى ساقلاپ قالغايسەن، چۈنكى مەن ساڭا مۆمىنمەن؛ ئى سەن خۇدا، ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى قۇتقۇزغايسەن؛ 3ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن.
4قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ 5چۈنكى سەن مېھرىبان، كەچۈرۈمچان رەب سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن! 6مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛ 7بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
8ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر. 9سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ. 10چۈنكى سەن ناھايىتى بۈيۈكسەن، مۆجىزىلەرنى ياراتقۇچىدۇرسەن؛ سەن خۇدادۇرسەن، يىگانىدۇرسەن.
11سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرۈشۈمدە، ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن. 12پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيىلەيمەن رەببىم خۇدانى، ئەبەدىلئەبەد ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى. 13چۈنكى مېھىر-مۇھەببىتىڭ چوڭقۇر بولغاعقا ماڭا، تەھتىسارانىڭ تەگلىرىدىن قۇتقۇزىسەن جېنىمنى؛ 14ئى خۇدا، قارشى چىقىپ تەكەببۇرلار گەر ماڭا، ئەشەددىيلەر جامائىتى ئالماققا جېنىمنى ئاڭا، ھەم كۆزگە ئىلمەيدۇ سېنى!
15ۋە لېكىن رەببىم رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھ بولغاچ، نە ئاشقۇچى قىلەر، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ. 16ھالمىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئيلىگىن، ئۆز قۇلۇڭغا مەدەت بېرىپ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن! 17ئىلتىپاتىڭنىىڭ بېشارىتى دېسەڭ، دۈشمەنلەرنى شۇنى كۆرۈشى بىلەن شەرمەندە قىل، ئى پەرۋەردىگار هەرقاچان هەمدەمدە بولۇپ كۆڭلۈمنى ئالعىن.