시편 126
눈물을 흘리며 씨를 뿌리는 자
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ 2ئاغزىمىز كۈلكىگە، تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. 3پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز.
4جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار [شار-شار سۇلارغا] ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ 5كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ 6يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ.
복사됨!
Aa