고린도후서 13
너희 자신을 시험하라
1بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك». 2ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز. 3ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟ 4ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
5سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار. 6چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس. 7چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر.
8سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم. 9ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 10بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.
마지막 인사와 축복
11بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. 12رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي!