Salmos 78
Contaremos à geração vindoura
1ئاساف يازغان «ماسقىل»: ــ ئى مېنىڭ خەلقىم، تەلىمىمنى ئاڭلاڭلار، ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار. 2تەمسىل بىلەن مەن ئاياي ئاغزىمنى، بايان ئەسلەي ئۆتمۈشتىكى تېپىشماقلارنى. 3بىز بۇلارنى ئاڭلىغان، بىلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارنى بىزگە ئېيتىپ بەرگەن.
4بىز بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوشۇرمايمىز، كېلىدىغان دەۋرگە پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىلىرىنى، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ قىلغان كارامەت ئىشلىرىنى بايان قىلىمىز. 5چۈنكى ئۇ ياقۇپتا بىر ئاگاھ-گۇۋاھنى بېكىتكەن، ئىسرائىلدا بىر قانۇننى ئورناتقان؛ «بالاڭلارغا ئۈگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا؛ 6شۇنداق دەۋر كېلەر، ئەجدادلىرىمىز بولارنى چوخۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماكچى بولغان بالىلارمۇ، ئېۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلارنى ئۈگەتكەي. ئورنىدىنئۆگەتكەي تۇرۇپ ئۆز بالىلىرىغا بۇلارنى ؛ 7پەرزەنتلىرى ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغاي، تەڭرىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇمىغاي، بەلكى ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە كىرگەي؛ 8دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى، جاھىل، ئاسىي بىر زامان كەبى، ئۆز قەلبىنى دۇرۇس قىلمىغاي، روھى تەڭرىگە ۋاپاسىز بىر دەۋر كەبى، ئۇ شۇنداق [بۇيرۇغاندۇر].
9مانا ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى، قوراللانغان ئوقياچىلار بولسىمۇ، جەڭ كۈنىدە سەپتىن ياندى. 10ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۇتمىدى، بەلكى ئۇنىڭ تەۋرات-قانۇنىدا مېڭىشنى رەت قىلدى. 11ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى، ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى ئۇنتۇدى.
12ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛ 13ئۇ دېڭىزنى بۆلۈۋېتىپ، ئۇلارنى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگەنىدى؛ سۇنى كىيا كەبى تۇرگۇزفانىدى. 14ئۇ كۈندۈزدە بۇلۇت بىلەن، كېچىدە ئوت نۇرى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.
15چۆل-باياۋاندا تاشلارنى يېرىۋەتكەنىدى، چوڭقۇر سۇرلاردىن ئۇرغۇپ چىققاندەك ئىچىملىكنى مول قىلدى؛ 16ئۇ خادا تاشتىن ئۆستەڭ-ئېقىنلارنى ھاسىل قىلدى، سۇنى دەريالاردەك ئاققۇزدى. 17بىراق ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىۋەردى، چۆلدە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا ئاسىيلىق قىلدى.
18ئۇلار كۆڭلىدە تەڭرىنى سىنىدى، نەپسىنى قاندۇرۇشقا يېمەكلىكنى تەلەپ قىلدى. 19ئۇلار خۇدانى ھاقارەتلەپ: ــ «تەڭرى چۆل-دەشتتە داستىخان سالالامدۇ؟ 20مانا ئۇ قورام تاشنى ئۇرۇۋىدى، سۇلار ئۇرغۇپ، ئېقىنلار بۇلاقتەك تېشىپ چىقتى؛ ئەمدى ئۇ بىزگە نانمۇ بېرەلەمدۇ؟ ئۆز خەلقىنى گۆش بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ؟» ــ دېيىشتى.
21شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، غەزەپلەندى؛ ياقۇپقا ئوت تۇتاشتى، ئىسرائىلغا ئاچچىقى كۆتۈرۈلدى؛ 22چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنمىدى، ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا ئۇلار تايانمىدى، 23ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛ 24ئۇ ئۇلار ئۈستىگە «ماننا»نى ياغدۇرۇپ، ئۇلارغا ئەرشتىكى ئاشلىقنى بەرگەنىدى؛ 25شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار كۈچ ئىگىلىرىنىڭ نېنىنى يېگەنىدى؛ ئۇ ئۇلارغا قانغۇچە ئوزۇقنى ئەۋەتكەنىدى.
26ئەمدى ئۇ ئاسماندا شەرق شامىلى چىقىرىپ، كۈچى بىلەن جەنۇب شامىلىنىمۇ ئېلىپ كەلدى؛ 27ئۇ گۆشنى چاڭ-توزاندەك ئۇلار ئۈستىگە چۈشۈردى، دېڭىزلار ساھىلىدىكى قۇملاردەك ئۇچار-قاناتلارنى ياغدۇردى. 28ئۇ بۇلارنى ئۇلارنىڭ بارگاھىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا چۈشۈردى.
29ئۇلار بولۇشىچە يەپ تويۇشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەپسى تارتقىنىنى [خۇدا] ئۇلارغا كەلتۈرگەنىدى. 30لېكىن ئۇلار نەپسى تارتقىنىدىن تېخى زېرىكمەيلا، گۆشنى ئېغىزلىرىدا تېخى چايناۋاتقىنىدىلا، 31خۇدانىڭ غەزىپى ئۇلارغا قوزغالدى؛ ئۇلاردىن ئەڭ قامەتلىكلىرى قىرىلدى، ئىسرائىلنىڭ سەرخىل ياشلىرى يەرگە ئۇرۇلدى.
32قۆرۈپ شۇنچە قۆرگۈلۈق، بىراق توۋا قىلمىدى، قۆرۈپ شۇنچە مۇجىزىلىرىگە، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى؛ 33شۇڭا [خۇدا] ئۇلارنىڭ ھاياتىنى مەنىسىزلىك ئىچىگە، ھەم ئۆتتى يىللىرىنى دەككە-دۈككىگە. 34ئۇلار ئۆلۈم كەلگەندە باشقا، ئەسكە ئالدى ئۇنى؛ توۋا قىلىپ تەڭرىنى ئىنتىلىپ، ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى؛ 35ئەسكە ئالدى ىۇلار «ئۇيۇلتاشتەك ناشپاناهىمىز خۇدا، ھەممىدىن ئالىي تەڭرى ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز بار».
36بىراق ئۇلار ئاغزى بىلەن خۇشامەت قىلدى، تىلى بىلەن ئۇنىڭغا يالغان سۆز قىلدى؛ 37چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا سادىق بولمىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئەھدىسىنى چىڭ تۇتمىدى. 38بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ تەكرار ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى.
39ئۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ئەت ئىگىلىرى، كەتسە قايتىپ كەلمەس بىر نەپەس ئىكەنلىكىنى ياد ئەتتى. 40ئۇلار چۆل-دەشتتە شۇنچە كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. شۇنچە كۆپ قېتىم باياۋاندا كۆڭلىگە ئازار بەردى! 41بەرھەق، ئۇلار قايتىدىن يولدىن چەتنەپ تەڭرىنى سىنىدى، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلدى.
42ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] دەريالىرىنى، ئېقىنلىرىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچەلمەس قىلىپ قويدى؛ 43ئۇلارنىڭ ئارىسىغا نەشتەرلىك چىۋىنلارنى توپ-توپى بىلەن ئەۋەتتى، ھالاك قىلار پاقىلارنى ماڭدۇردى؛ 44ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى كېپىنەك قۇرتلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى چېكەتكىلەرگە بەردى؛ 45ئۈزۈم تاللىرىنى مۆلدۈر بىلەن ئۇردۇرۇپ، ئەنجۈرلىرىنى قىراۋ بىلەن ئۈششۈتۈۋەتتى.
46ئۇ كالىلىرىنى مۆلدۈرگە سوقتۇرۇپ، ماللىرىنى چاقماق ئوتلىرىدا [كۆيدۈرۈۋەتتى]. 47ئۇ ئۇلارغا غەزىپىنىڭ دەھشەتلىكىنى ــ قەھرى، نەپرەت ھەم ئېغىر كۈلپەتلەرنى چۈشۈردى، كەلدى هەم بىر تۈركۈم پەرىشتىلەر كۆك-ئاسماندىن. 48ئۇ ئۆز غەزىپى ئۈچۈن بىر يولنى تۈزلەپ قويدى؛ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئۆلۈمدىن ئايىماي، بەلكى ھاياتىنى ۋاباغا تاپشۇردى؛ 49ئۇ مىسىردا بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان بالىلارنى، ھامنىڭ چېدىرلىرىدا ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى قىرىۋەتتى.
50ئۇ پادىچىدەك ئۆز خەلقىنى مىسىردىن سەپەرگە ئاتلاندۇرۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۇلارنى قوي پادىسىدەك باشلاپ ماڭدى؛ 51ئۇلارنى ئامان-ئېسەن يېتەكلىگەچكە، ئۇلار قورقۇنچتىن خالىي بولۇپ ماڭدى؛ دۈشمەنلىرى غەرق بولدى دېڭىزدا. 52ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى.
53ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، تانا بىلەن ئۆلچۈپ يەرنى، تەكسىم قىلدى زېمىننى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى. 54بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ-ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛ 55بەلكى ئاتا-بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى.
56ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى. 57خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى. 58ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى، 59ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان-شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛ 60ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.
61ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى. 62ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى. 63ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى.
64ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى. 65يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛ 66بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.
67[شۇ يەردە] مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر-زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛ 68ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛ 69قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى.
70داۋۇت ئۇلارنى قەلبىدىكى دۇرۇسلۇقى بىلەن باقتى، قولىنىڭ ئەپچىللىكى بىلەن ئۇلارنى يېتەكلىدى.