Efesios 6

Hijos y padres

1بالىلار، رەبدە ئاتا-ئانىلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار؛ چۈنكى بۇ دۇرۇسدۇر. 2«ئاتاڭنى ۋە ئاناڭنى ھۆرمەتلە» ــ بۇ بولسا ئىچىگە ۋەدىنى ئالغان بىرىنچى ئەمردۇر ــ 3«شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئىشلىرىڭ قۇتلۇق بولىدۇ، زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن» ــ [دەپ ۋەدە قىلىنغان].

4سىلەر ئاتىلار، بالىلىرىڭلارنى خاپا قىلماڭلار، بەلكى ئۇلارنى رەبنىڭ تەربىيىسى ھەم كۆرسەتمىسىدە بېقىڭلار.

Siervos y amos

5سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛ 6پەقەت كۆز ئالدىدىلا خىزمەت قىلىپ، ئادەمنى خۇش قىلغۇچى قۇللاردىن بولماڭلار، بەلكى مەسىھنىڭ قۇللىرىنىڭ سۈپىتىدە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى جان-دىل بىلەن بەجا كەلتۈرۈڭلار، 7ئادەملەرگە ئەمەس، بەلكى رەبگە چىن دىلىڭلاردىن خىزمەت قىلىڭلار؛ 8شۇنى بىلگەنكى، ھەرقانداق ئادەم بىرەر ياخشىلىق قىلسا، مەيلى ئۇ قۇل بولسۇن ياكى ھۆر بولسۇن، شۇ ئىش رەبدىن ئۇنىڭغا يانىدۇ.

9سىلەر خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغىمۇ ئوخشاش يول بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ھەيۋە قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار؛ چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ۋە سىلەرنىڭمۇ خوجايىنىڭلار ئەرشتىدۇر، ئۇنىڭدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىش دېگەننىڭ يوقلۇقىنى بىلىسىلەر.

Toda la armadura de Dios

10ئاخىردا، قېرىنداشلار، رەبدە ۋە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە كۈچلەندۈرلۈڭلار؛ 11ئىبلىسنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پۈتكۈل ساۋۇت-يارىغىنى كىيىۋېلىڭلار؛ 12چۈنكى ئېلىشىدىغىنىمىز ئەت ۋە قان ئىگىلىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، بۇ دۇنيادىكى قاراڭغۇلۇقنى باشقۇرغۇچى دۇنياۋى ئەمىرلەر، يەنى ئەرشلەردە تۇرۇۋاتقان رەزىل روھىي كۈچلەردۇر.

13مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆزۈڭلارغا خۇدانىڭ پۈتۈن ساۋۇت-يارىقىنى ئېلىپ ئارتىڭلاركى، رەزىللىك كۈنىدە بەرداشلىق بىلەن قاتتىق تۇرىدىغان، ئاخىر ھەممە ئىشنى ئادا قىلىپ، يەرنى چىڭ دەسسەپ تۇرىدىغان بولىسىلەر. 14بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمان-ئىشەنچنىڭ قالقىنىنى قولغا ئېلىڭلار؛ ئۇنىڭ بىلەن سىلەر رەزىل بولغۇچىنىڭ بارلىق ئوت ئوقلىرىنى ئۆچۈرىۋېتەلەيدىغان بولىسىلەر. 15ھەمدە بېشىڭلارغا نىجاتنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى، يەنى روھنىڭ قىلىچىنى ئېلىڭلار؛ 16ھەممە ۋاقىت-پەسىلدە روھتا ھەرخىل دۇئا-تىلاۋەت ھەم ئىلتىجا بىلەن دۇئا قىلىڭلار؛ دەل بۇ ئىشتا قەتئىي ھوشيار تۇرۇپ بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە دۇئا-ئىلتىجالار قىلىڭلار؛ 17مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلاركى، ــ ئېغىز ئاچقىنىمدا ماڭا سۆزلەر كەلسۇن، خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارە قىلاي.

18مەن دەل شۇ ئىشقا زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ئەلچىمەن؛ شۇڭا قىلىشقا تېگىشلىكىم بويىچە، [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە] دادىللىق بىلەن سۆز قىلىشىمغا [دۇئا قىلىڭلار]. 19ئەمدى مېنىڭ توغرامدىكى ئىشلاردىن، مېنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋەرلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سۆيۈملۈك قېرىنداش ھەم رەبدە سادىق خىزمەتكار بولغان تىكىكۇس سىلەرگە ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ. 20مېنىڭ ئۇنى دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن يېنىڭلارغا ئەۋەتىشىم، سىلەرنىڭ ئىشلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىڭلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلۈڭلارغا تەسەللى ۋە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈندۇر.

Tíquico y la bendición final

21قېرىنداشلارغا خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ھەم ئىمان-ئىشەنچ خۇدائاتا ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن بولغاي! 22رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي!

¡Copiado!
Aa