Efesios 5
Andad en amor
1ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛ 2شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن. 3چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ.
4ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 5شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛ 6چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار 7(چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)،
Hijos de luz
8نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار. 9قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛ 10چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر.
11ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. 12شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ». 13شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛ 14ۋاقىت-پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر.
15بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛ 16ھاراق-شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار، 17بىر-بىرىڭلارغا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا-نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛ 18ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر-رەھمەت ئېيتىڭلار، 19مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار.
20سىلەر ئاياللار، رەبگە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار؛
Esposas y maridos
21چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر. 22ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن. 23ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛ 24[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، 25شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
26شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. 27چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى [ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا] ئوخشايدۇ. 28چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز: ــ 29«شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ».
30بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن. 31ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن.