Salmos 82

Dios juzga en medio de los jueces

1ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ، ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 2ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ. 3گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ 4مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار!

5نادان ۋە بىلىمىسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى؛ يۈرمەر ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر زېمىننىڭ ئۇللىرى. 6مەن ئېيتارمەن: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛ 7شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر».

8ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن!

¡Copiado!
Aa