Números 5
La limpieza del campamento
1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 2ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى. 3پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 4سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە،
La restitución del daño
5ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا ئىقرار قىلىپ، ئىتائەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشى كېرەك ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇ كىشىگە يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈشنى قوشۇپ تۆلەپ بەرسۇن. 6زىيانلانغۇچىنىڭ مۇبادا ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنى ئالغۇدەك تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەم پۇلى گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كافارىتىگە سۇنۇلىدىغان قوشقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا بېرىلسۇن. 7شۇنىڭدەك ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن.
8ھەركىم خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلەر مۇقەددەس دەپ ھېسابلانسۇن، شۇنداقلا كاھىننىڭ بولسۇن؛ كىشىلەر كاھىنغا نېمە ھەدىيە قىلسا، ئۇنىڭ ھەممىسى كاھىننىڭ بولسۇن. 9پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 10سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا،
La prueba para la mujer sospechosa
11— دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا، 12— شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا› 13ئەھۋالىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئادەم خوتۇنىنى كاھىننىڭ يېنىغا ئەكەلسۇن ھەم خوتۇنى ئۈچۈن زۆرۈر ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى ئارپا ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئالغاچ كەلسۇن؛ شۇ ھەدىيەنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچ زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ھېچ مەستىكى قوشۇپ قويمىسۇن؛ چۈنكى بۇ كۈنداشلىق ھەدىيەسى، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىگە بولغان ئەسلەتمىدۇر.
14كاھىن ئۇ خوتۇننى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزسۇن. 15كاھىن كومزەككە مۇقەددەس سۇدىن قۇيۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سۇغا چېچىپ قويسۇن. 16كاھىن ئۇ خوتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇپ، بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنداشلىق ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن، ئاندىن كاھىن قولىغا قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئالسۇن.
17كاھىن ئۇ خوتۇنغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭغا «دەرۋەقە سەن ھېچقانداق ئادەم بىلەن بىللە ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشقا ئېزىپ بۇزۇقلۇق قىلمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىدىن خالاس بولغايسەن. 18لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، —» دېسۇن؛ 19شۇنىڭدەك كاھىن بۇ قارغىش سۆزلىرىنى دەپتەرگە پۈتۈپ قويسۇن، شۇنداقلا يازغان سۆزلەرنى ئەلەم سۈيىگە چىلىسۇن، 20ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئىچكۈزسۇن، بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم بولىدۇ.
21كاھىن ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىن كۈنداشلىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانگاھقا ئېلىپ كەلسۇن. 22كاھىن ھەدىيەدىن بىر سىقىم ئۇن ئېلىپ، خاتىرە ھېسابىدا قۇربانگاھقا قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ سۇنى ئىچكۈزسۇن. 23كاھىن ئەمدى ئۇ خوتۇنغا سۇنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇھەقىقىي بۇلغانغان بولۇپ، ئۆز ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ قارغىش سۈيى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىشقا كېتىدۇ.
24لېكىن ئەگەر ئۇ خوتۇن بۇلغانمىغان پاك بولسا، شۇ ئىشتىن خالاس بولىدۇ ۋە ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولىدۇ. 25مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا 26ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن.
27ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ.