Números 28

Las ofrendas diarias

1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 2سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇپ: — «ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى بولسا، سىلەر ھەربىرىنى بېكىتىلگەن قەرەلىدە سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» — دېگىن. 3سەن ئۇلارغا يەنە: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلار مۇنداق بولىدۇ: — ھەر كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئىككىنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار.

4ئەتىگىنى بىرنى، گۇگۇمدا بىرنى سۇنۇڭلار؛ 5يەنە تۆتتىن بىر ھىندىن سوقۇپ چىقىرىلغان زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. 6سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق مانا شۇدۇر.

7ھەربىر قوزا ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى تۆتتىن بىر ھىن شاراب بولىدۇ؛ ئېچىتما ئىچىملىك بولغان شاراب ھەدىيەسى مۇقەددەس جايدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇپ تۆكۈلسۇن. 8سەن ئىككىنچى بىر قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنكىدەك ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىلەن قوشۇپ سۇنغىن؛ ئۇ خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.

Las ofrendas del sábado

9— شابات كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزا سۇنۇلسۇن؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن ۋە شاراب ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن؛ 10بۇ ھەربىر شابات كۈنىدە سۇنۇلىدىغان شابات كۈنىدىكى قۇربانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ بىلەن دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن.

Las ofrendas mensuales

11— ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ يەنى ئىككى ياش تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بېجىرىم يەتتە ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. 12ھەر تورپاق بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە، قوشقارغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە، 13ھەربىر قوزا بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر.

14ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بولسا: — ھەربىر تورپاق بېشىغا شارابتىن يېرىم ھىن، قوشقار بېشىغا ھىننىڭ ئۈچتىن بىرى، ھەربىر قوزا بېشىغا ھىننىڭ تۆتتىن بىرى سۇنۇلسۇن. بۇ ھەر ئايدا سۇنۇلىدىغان ئايلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، يىلنىڭ ھەر ئېيىدا شۇنداق قىلىنسۇن. 15بۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان گۇناھ قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە شاراب ھەدىيەسى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن.

La Pascua y los panes sin levadura

16بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» [قوزىسى سۇنۇلسۇن]. 17شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت باشلىنىدۇ؛ يەتتە كۈن پېتىر نان يىيىلسۇن. 18بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈلسۇن، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك، 19شۇ كۈنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، بىر قوچقار ۋە يەتتە بىر ياشلىق ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار؛ ئۇلار ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن؛ 20شۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 21شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ 22شۇنىڭدەك [گۇناھىڭلار] ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن.

23بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن ئايرىم سۇنۇڭلار. 24سىلەر بۇ تەرىقىدە ئۇدا يەتتە كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئاشۇنداق ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇپ سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسىنىڭ سىرتىدا سۇنۇلىدۇ. 25يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ.

La fiesta de las semanas

26«دەسلەپكى ئورما» كۈنى، يەنى «ھەپتىلەر ھېيتى»ڭلاردا سىلەر يېڭى ئاشلىق ھەدىيەسىنى پەرۋەردىگارغا سۇنغان چاغدا مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 27سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار. 28شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 29شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ 30شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كەفارەت كەلتۈرۈشكە [گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە] بىر تېكە سۇنۇلسۇن.

31شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىگە قوشۇپ ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›، شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن.

¡Copiado!
Aa