Números 16
La rebelión de Coré
1لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون 2ئىسرائىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. 3ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى.
4سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ 5ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى. 6مۇسا يەنە كوراھقا: — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار.
7شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. 8مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: — بارمايمىز! 9سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ 10ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى.
11بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى. 12مۇسا كوراھقا: — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. 13ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى.
14شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. 15كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. 16پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: — 17سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، 18مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى.
19پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 20سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى. 21شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
22مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى.
Apartaos de sus tiendas
23شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى. 24مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: 25— ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى.
26ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. 27مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى.
La tierra los traga
28يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى. 29شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. 30ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى.
31ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى. 32پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 33سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ 34شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ.
35شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى.
Los incensarios se hacen láminas
36شۇنىڭ بىلەن [قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. 37ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. 38ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى.
39شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. 40پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: —
Aarón detiene la plaga
41مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. 42مۇسا ھارۇنغا: — سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. 43ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كەفارەت كەلتۈردى.
44ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. 45كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. 46ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى.