Génesis 9

El pacto del arco iris

1خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار. 2يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. 3مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم.

4لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك. 5قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن. 6كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر.

7ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار». 8مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس». 9ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى.

10خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى. 11نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى. 12بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر.

13نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. 14ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. 15قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى.

16شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. 17نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ

La embriaguez de Noé

18قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى. 19ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 20خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى.

21نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى. 22بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى.

¡Copiado!
Aa