Génesis 32

Jacob se prepara para encontrar a Esaú

1ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. 2ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى. 3ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، 4ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم.

5ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى. 6خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. 7ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى.

8ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى. 9ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! 10ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن.

11ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن. 12سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى. 13بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى.

14ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، 15ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى. 16شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھتا قونۇپ قالدى.

17ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 18ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى. 19ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى.

20لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى. 21ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ.

La lucha hasta el amanecer

22ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى. 23ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى. 24ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى.

25شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى. 26ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى . 27بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى.

¡Copiado!
Aa