Éxodo 28
Las vestiduras de los sacerdotes
1سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆز قېشىڭغا كەلتۈرگىن؛ ئۇلارنى، يەنى ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنىڭ مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن يېنىڭغا كەلتۈرگىن. 2ئاكاڭ ھارۇنغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك ئۈچۈن مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىغىن. 3ھارۇننىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ روھى بىلەن قەلبلىرىنى تولدۇرغان چېۋەر كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سۆز قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە كىيىملەرنى تىكىشكە بۇيرۇغىن.
4ئۇلار تىكىدىغان كىيىملەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ــ بىر قوشېن، بىر ئەفود، بىر تون، كەشتىلەنگەن بىر خالتا كۆڭلەك، بىر سەللە ۋە بىر بەلۋاغ. مېنىڭ كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلار ئاكاڭ ھارۇنغا ۋە ئوغۇللىرىغا مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكسۇن. 5ئۇنىڭغا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەخت ئىشلىتىلسۇن؛
El efod
6ئەفودنى ئۇلار ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەرنى تەييارلاپ، چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ [كەشتىلىتىپ] ئىشلەتسۇن. 7ئەفودنىڭ ئىككى بېشىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى دولىسىدا مۈرىلىك تاسما بولسۇن. 8ئەفودنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، كەشتىلەنگەن بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالسۇن.
9ئىككى ئاق ھېقىقنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويدۇرغىن؛ 10ئۇلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئالتىسى بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، قالغان ئالتىسى بولسا يەنە بىر ياقۇتقا ئويۇلسۇن، ھەممىسى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە پۈتۈلسۇن. 11خۇددى ياقۇت نەقىشچىلىرى ئىشلىگەندەك، مۆھۈر ئويۇلغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئىككى ياقۇتقا ئويدۇرغىن؛ ئۇلار ئالتۇندىن ياسالغان كۆزلۈككە بېكىتىلسۇن.
12ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا قادىغۇزغىن؛ شۇنداق بولغاندا، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە مۈرىلىرىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. 13«ھۆكۈم قوشېنى»نى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياساتقىن؛ ئۇنى ھەم ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ياسىغان، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىغىن. 14ئۇ ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ بولسۇن.
El pectoral del juicio
15ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتقىن: ــ بىرىنچى قاتارغا قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن؛ 16ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن؛ 17ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن؛ 18تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلسۇن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈك ئىچىگە ئورنىتىلسۇن.
19بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلسۇن. 20قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىغىن. 21قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ 22ئاندىن ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، 23ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتقىن.
24بۇنىڭدىن باشقا سەن ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتكىن؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالسۇن. 25مۇندىن باشقا سەن ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، يەنى ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن قىلىپ، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتكىن. 26قوشېننىڭ ئەفودنىڭ كەشىتىلەنگەن بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قوشېننىڭ ھالقىسىنى كۆك شوينا بىلەن ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويغىن.
27شۇنداق قىلغاندا، ھارۇن مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھۆكۈم قوشېنىنى تاقىغاچقا، ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئەسلەتمە سۈپىتىدە يۈرىكىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دائىم كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. 28ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇرىم بىلەن تۇممىم ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە بولۇشى ئۈچۈن، بۇلارنى ھۆكۈم قوشېنىنىڭ ئىچىگە ئالغىن؛ مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن ئىسرائىللارغا باغلىق ھۆكۈملەرنى ھەمىشە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆز يۈرىكى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن بولىدۇ. 29ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلغىن.
30توننىڭ باشقا كىيىلىدىغان تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولسۇن؛ ئۇنىڭ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خۇددى باپكار توقۇغاندەك، ساۋۇتنىڭ ياقىسىغا ئوخشاش چۆرىسىگە پەۋاز چىقىرىلسۇن.
El manto y la mitra
31ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. 32ئاندىن كېيىن سەن ساپ ئالتۇندىن نەپىس بىر ئوتۇغاتنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈرگە نەقىشلەنگەندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويغىن؛ 33ئۇنى كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىسىگە چىگكىن؛ ئۇ سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە تاقالسۇن؛ 34ئۇ ھارۇننىڭ پېشانىسىدە تۇرسۇن. بۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس قىلىپ كەلتۈرگەن بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرىگە چاپلاشقان گۇناھلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ؛ ھەدىيەلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئوتۇغات ھەمىشە ئۇنىڭ پېشانىسىگە تاقاقلىق تۇرسۇن.
35بۇنىڭدىن باشقا ئاق كاناپ رەختتىن بىر كۆڭلەك توقۇغىن، شۇنىڭدەك كاناپ رەختتىن توقۇلغان بىر سەللە تەييارلىغىن؛ كەشتىلەنگەن بىر بەلۋاغ ياسىغىن. 36ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا خالتا كۆڭلەكلەرنى تىككىن؛ ئۇلارغىمۇ بەلۋاغلارنى تەييارلا، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تىككىن؛ بۇلار ئۇلارغا ھەم شەرەپ ھەم گۈزەللىك بولسۇن. 37بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سەن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كىيدۈرگىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىھلەپ، ماڭا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىغىن.
38ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنىڭ يېپىق تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا كاناپ رەختتىن تامبال ئەتتۈرگىن؛ ئۇ بېلىدىن يوتىسىغىچە يېپىپ تۇرسۇن. 39ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى جامائەت چېدىرىغا كىرگەندە ياكى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇش ئۈچۈن قۇربانگاھقا يېقىنلاشقاندا، ئۇلار گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن [تامبالنى] كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەسىللىرى ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.